Ur Staden
بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنى يولتۇزسىز ئىدى. ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق كۈنلەردىمۇ كەچتە يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايتتى. مېنىڭ نەزىرىمدە يۇلتۇزلارنى كۈزىتىپ ئۇنىڭدىن مەلۇم بىشارەتلەرنى ھەتتا ئەڭ بولمىغاندا تەرەپلەرنى ھېس قىلغۇچىلارمۇ تەسەۋۇر كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك كىشىلەر ئىدى. مەن بولسام تەسەۋۇرۇم ئاجىزلا بىر ئادەم. بەزىدە تەسەۋۇرۇمنىڭ بىردىنلا قاناتلىنىپ كېتىشى مېنى ساراسىمگە سېلىپ قويىدۇ. مەن مېڭەمنىڭ خۇددى كائىنات يارىتىلىشتىن ئاۋالقى دوغ ھالەتكە ئوخشاش خىرە-شىرە تۇرىۋېرشىنى خالايتتىم. خۇددى مۇشۇ تۇمانلىق شەھەرگە ئوخشاش خۇنۇك ھالەتلا ماڭا ئارام بېغىشلايتتى. تەسەۋۇرۇمنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىپ، مېڭەمنىڭ بىردىنلا پارلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. بۇنداق پارلاپ كېتىش خۇددى قاپ-قاراڭغۇلۇقتا ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلالماي قېلىش بىلەن ئوخشاشلا قورقۇنۇچلۇق ئىدى. لېكىن دۇغلىنىپ تۇرغان ھالەتمۇ مەڭگۈلۈك ئارامچىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىلدار ئىدى. بىر خىل دەھشەتلىك يارىتىلىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئاشۇ دۇغ ھالەتتىن يارىتىلىشقىچە بولغان ئارىلىقلا جىمجىتلىق، بىر خىل تەخىرسز ۋە شىددەتلىك تىنچلىق ئىدى.
بۇ شەھەرنىڭ تۇمان ئىچىدە دۇغلىنىپ تۇرغان ھالىتى، مېڭەمدىكى ئەقلىي كۈچنىڭ دۇغلىنىپ تۇرغان ھالىتى ۋە مېنىڭ زىمىن ئۈستىدىكى سالاھيىتىمنىڭ دۇغلىنىپ تۇرغان ھالىتى بىر–بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولۇپ، گاھ بىر–بىرىنىڭ ئەكسىدەك، گاھ بىر-بىرىنىڭ ئۆز ئارا سىڭىپ كىرىشىدەك تۇيىلاتتى. ھەممىسىدىن كىشىنىڭ قاتتىق ئىچىنى سىقىپ بۇرۇختۇم قىلىدىغان ياكى تۇنجۇقتۇردىغان بىر خىل خاتىرىجەملىك، ئەڭ قاتتىق ئەنسىزلىكتىنمۇ بەكراق خەتەرلىك خاتىرىجەملىك چىقىپ تۇراتتى.
بۇ شەھەرگە كەلگەندە ئەڭ ئالدى بىلەن تەرەپ تۇيغۇسىدا خاتالىشىپلا يۈردۈم. بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ كۆنۈككەن ئىگىز تەرەپنى شىمال، پەس تەرەپنى جەنۇب دەپ ھېس قىلىدىغان ئادىتىم بويىچە دەسلەپ دائىم خاتا ھۆكۈم قىلىپ يۈردۈم. كېيىن بۇ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ خاتالىقىنى سەزگەن بولساممۇ لېكىن تۈزىتەلمىدىم. تاغ باغىرىغا جايلاشقان كىچىككىنە بۇ كەنىتتە تاغ شىمال تەرەپتە بولۇپ، جەنۇپقا ماڭغانسېرى يەر شەكلى تۆۋەنلەپ بىر ساسلىققا تۇتىشاتتى. ساسلىقتا قوي بېقىپ، قويلارنى ئوتلاشقا قويىۋىتىپ ياتقاندا بېشىمنى شىمال تەرەپكە قىلىپ ياتساملا خۇددى بېشىمنى ياستۇق ئۈستىگە قويغاندەك بەدىنىمنىڭ باشقا تەرىپىدىن ئېگىز ھېس قىلاتتىم. تۇغۇلغان يېرىمنىڭ مەندە پەيدا قىلغان بۇ تۇيغۇسى مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتتەك، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى مەھكەم چىرمىۋېلىپ مەندە باشقا شەھەرلەردىمۇ ئاشۇ شەھەرنىڭ جۇغراپىيلىك تۈزىلىشى بىلەن تەرەپلەرنى توغرا ھېس قىلىشىمغا يول قويمايتتى.
بۇ شەھەر تار بىر جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، چوڭقۇر بىر جاراھەت ئىزىغا ئوخشايتتى. بۇ شەھەردە سۇ مېنىڭ يېزامنىڭ ئەكسىچە جەنۇبتىن شىمالغا ئاقاتتى. لىكىن مېنىڭ نەزىرىمدە ھامان سۇ ئاققان تەرەپ جەنۇب ئىدى. سۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئېقىشىنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايتىم. ھازىر تۇمان ئىچىدە مەندىكى تەرەپ تۇيغۇسى تېخىمۇ يوقالغاندى. قايسى تەرەپ ئىگىز، قايسى تەرەپ تۆۋەن، بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايتتى.
پاتقاقلىشىپ كەتكەن يەر ئايىقىم ئاستىدا مىلىچلاپ ئاۋاز چىقىراتتى. بۇنداق ئاۋاز مېنى قاتتىق غەمكىنلەشتۈرۈپ قوياتتى. ئۆزەمنىڭ نىمىشقا ئاشۇ ئاۋازنى ئاڭلىساملا غەمكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلەلمەيتىم. بەلكىم ئۇ قاننىڭ چىپىلداپ ئاققان ئاۋازىغا ئوخشىغاچقا شۇنداقتۇر.
مەن بۇ ناتونۇش شەھەردە ھېچكىمنى تونۇمايمەن، شۇڭا بىرەر كىم بىلەن دوست بولۇشۇممۇ، بىرەركىم بىلەن دۈشمەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس.
مەن يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى بېكىتىش قىيىن بولغان گەۋدىلىرىگە قاراپ تۇرغىنىمدا، بىردىنلا ھازىر سائەت نەچچە بولدى، ھازىر كېچىمۇ كۈندۈزمۇ، بۈگۈن كۈنگە نىمە؟ بۇلارنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلەپ تاپالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ قالدىم. بۇ قايسى ئاي؟ مەن بۇنىلا ئەمەس ھەتتا بۇ يىلنىڭ قايسى يىل ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئىدراكىم بارا بارا غۇۋالىشىپ ۋاقىت تۇيغۇمنى يوقاتقانىدىم. ھازىر قايسى ئەسىر؟ ئاخىرىدا بارا بارا مەن ئۆزەمنىڭ قايسى ئېراغا تەۋەلىكىمنىمۇ بىلەلمىدىم. مەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئېزىققان ئىدىم، مەن ئادەمنىڭ بوشلۇقتىلا ئەمەس بەلكى ۋاقىتتىمۇ سەرگەردان بولىدىغانلىقىنى، مۇشۇ چەكسىز ۋاقىت قوينىدىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن تاپالماي قىينىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بەلكىم ھەممە ئادەم ۋاقىت ئىچىدە سەرگەرداندۇر، بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تەۋە دەپ قارىغانلىرى پەقەتلا بىر خىل تەقلىدىي قىياس بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئەسلى شەكلى ۋە ئۆلچىمى ئۇلارنىڭ تەقلىدىي بەلگۈلىۋالغانلىرى بىلەن زادىلا ئوخشىمايدىغاندۇ. ۋاقىتنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىگە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ئۇنى كۈن، ئاي، يىل ۋە ئەسىرلەرگە بۆلۈپ ھېسابلىشى بالىلارچە ئويۇندۇر بەلكىم، خۇددى بىر پەيلاسوپ «ئادەم تەپەككۇر قىلسا تەڭرىنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ» دېگىنىدەك. مەن ئاشۇ ۋاقىتنىڭ تەقلىدىي شەكلى ھەققىدىكى قاراشتا باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇپ، ئۇنى تامامەن قوبۇل قىلغان ھالدا ئاشۇ ئومۇملاشقان ئۆلچەم بويىچە ئۆزەمنىڭ قايسى ۋاقىتتا تۇرىۋاتقانلىقىمنى بىلمەكچى بولدۇم. لېكىن ھەتتا شۇنىمۇ بىلەلمىدىم. مەنمۇ ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن پەقەت كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىققان ئاشۇ ۋاقىت ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزەمنىڭ تەۋەلىك تەلىپىمنى قاندۇرۇپ تەسەللى تېپىشقا مەجبۇر ئىدىم. لېكىن شۇتاپ ۋاقىت بىردىنلا غايىپ بولغاندەك ياكى مەن تېخى ۋاقىت بارلىققا كەلمىگەن دەۋردە تۇرىۋاتقاندەك قىلاتتىم.
مېنىڭ يازغان ئىدارىدىن ياتاق تەلەپ قىلماسلىق توغرىسىدىكى كاپالەتنامامنى ئىللىق چىراي كىشى كۆرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ چىرايىدا مەن كۆرۈپ باقمىغان باشقا بىر خىل كۈلكە جىلۋىلەندى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكىدىن باشقا ئىپادىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بارلىق ئىنكاسىنى پەقەت كۈلكە بىلەنلا ئىپادىلىگەچكە، پەقەت كۈلكىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان تۈرىگە قاراپلا ئاندىن ئۇنىڭ قانداق بىر خىل تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالايتتىم. كۈلكىنىڭ شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدا ئىپادىلىگىنى بىر خىل شۇمپەنلىك ئارىلاش خاپىلىق ئىدى. بۇ ئۇنىڭ بىراۋغا زەھەرىنى قاتتىق تىقىش ئالدىدىدىكى كۈلكىسى بولۇپ، بۇ كۈلكە كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭ زەھەرخەندىلىكى كىشىنىڭ شۇنچە جېنىغا تېگەتتى. ئۇنىڭ غەزەپ ۋە نەپرەت بىلەن ئىچ ئىچىدىن ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ جاراھەتلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسېرىمەستىن بەلكى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ تىللىشىنى ئاڭلاشمۇ ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغىنىنى كۆرۈشتىن ياخشىراق ئىدى.
ئۇ كاپالەتنامىدىكى خاتالىقلاردىن بىرمۇنچىنى تاپقانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەن كاپالەت بېرىمەن دىگەن خەتنى قۇچاقلايمەن دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن. ئاندىن ياتاقتا ياتماق دىگەن سۆزدىكى ياتماق دىگەن خەتنى قۇيماق، تۆكمەك، ياكى ئېقىتىپ كىرگۇزمەك دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان خەت قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمەن.ئۇ بۇ خاتالىقلار توغرىسىدا توختىلىۋاتقاندا خۇددى مەن بىزەپ گەپلەرنى يېزىپ قويغاندەك چىرايىدىن سەسكىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈلۈمسىرەش ئىپادىلەندى. ئۇ ئاشۇ خەتلەردىن بىزەپ مەنالارنى ھېس قىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىدى دەپ ئويلىدىم مەن، لېكىن ئۇ ھامان بىزەپ گەپ ئەمەس ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
بۇ سۆزلەرنىڭ تولۇق مەنىسىنى بىر ئۆمۈر ھەر قانچە ئۈگىنىپمۇ تېگى يىلتىزىدىن بىلىپ كېتىش قىيىن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئانا تىلىم ئەمەس، بولۇپمۇ كەينىدىكى خەت. مەن بۇ خەتنى پەقەتلا كىتاپلاردا قانداق ئۇچراتقان بولسام شۇنداق ئىشلىتىمەن. ئۇنى بەلكىم ئەڭ دەسلەپ تۇپان بالاسى تەسۋىرلەنگەن ئابزاسلاردا ياكى جىنسي بىلىملەردىن ساۋات بەرگەن كىتابلاردا ئۇچراتقاندىمەن. ئەڭ دەسلەپتە پەيدا بولغان تەسىراتتىن قۇتۇلۇش ناھايىتى تەس، مەيلى ئۇ توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن. ئۇ سۆز مېنىڭ ئۆز سۆزۈم ئەمەس، مەن ئۇنى پەقەت لۇغەتتىن ئىزدەپ شۇ يەردە ئېيتىلغان مەنىسى بويىچىلا چۈشىنەلەيمەن. بۇ مەنالارنى بولسا باشقىلار بېكىتىپ بەرگەن، شۇڭا ھەرقانچە ئۈگىنىپ ئىشلەتسەممۇ ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ ئۆز سۆزۈمگە ئايلانمايدۇ. مەن مەڭگۈ ئۇنىڭ مەنىلىرىنىڭ غۇۋالىقى ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرىمەن. مېنىڭ خىيالىمدا ئۇ سۆزنىڭ خۇددى جىنسي ئەزادىن ئىسپىرمىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشىنى بىلدۇرىدىغان ئېتىلىپ چىقماق دېگەن مەنىسى باردەك قىلاتتى. لېكىن لۇغەتنى ئاختۇرۇپ بۇ خىل مەنادا چۇشەندۈرگىنىنى تاپالمىدىم. ئۇنى نىمە ئۈچۈن ئىسپىرمىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى بىلەن باغلاشتۇرۇپ ئۈگىنىۋالغىنىمنى چۈشىنەلمىدىم. نوپۇزلۇق لۇغەتلەرنى ئاختۇرۇپ قارىسام ئۇ مۇنداق بىرنەچچە خىل مەنادا چۈشەندۈرۈلگەن ئىكەن: بىرىنچى، قۇيۇش، مەسىلەن، ھاراقنى بوتۇلكىغا قۇيۇش؛ ئىككىنچى، ئاقتۇرۇپ كىرگۈزمەك، مەسىلەن، سۇنى ئېتىزغا ئاقتۇرۇپ كىرگۈزدى؛ ئۈچىنچى، تۆكۈلمەك، مەسىلەن، ئاسماندىن يامغۇر تۆكۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مەندە ئاشۇنداق خاتا تەسىرات پەيدا قىلغان بولسا كېرەك.
ئىدارە باشلىقى مېنى ئۆي تەلەپ قىلماسلىق ھەققىدە كاپالەتنامىنى قايتا يېزىشقا قىستاۋەردى. مەن قايتا قايتا يازدىم، لېكىن ھەر قېتىم يازغان كاپالەتنامەمدە خاتالىق بار بولغاچقا ئۇ ماڭا قايتا يېزىشقا بۇيرۇۋېرەتتى. مەن بولسام ئۇنىڭ مېنى خەتنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدۇ دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ قويۇۋاتقىنىمغا ئاچچىقىم كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن كاپالەتنامىنى ئۆز تىلىمدا يېزىشتا چىڭ تۇردۇم. لېكىن بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قالدىم، چۈنكى ئۆز تىلىمدىمۇ توغرا يازالماسلىق مېنى بارغانسېرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىز ئاچالماس قىلىۋېتەتتى. ھەر قېتىم شۇنچە ئالدىرىماي ئاۋايلاپ يېزىپ، ئارقىدىن قايتا قايتا تەكشۈرسەممۇ لېكىن خۇددى جىن تەگكەندەك مەن زادىلا بايقىمىغان خاتالىق ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرۇپ مېنى چەتكە قاقىدىغان يەنە بىر باشلىق − ئىشخانا باشلىقىنىڭ ئالدىغا قويۇلىشى بىلەنلا بايقىلاتتى. ئۇ ھايال ئۆتمەيلا قەغەزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ باشلىقنىڭ يالتىراپ تۇرغان پىشانىلىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتى. ئاشۇ ئۆلگۈر خەتلەرنىڭ قانداق بولۇپ چۈشۈپ قېلىۋاتقىنى زادىلا بىلەلمىدىم. ئۇلار مېنىڭ ئالتە پارچە كاپالەتنامەمنى پەقەت ئىملا خاتالىقى سەۋەبىدىنلا قايتۇردى. ئۇلار مېنى خەتنى قەستەن خاتا يېزىپ قويۇپ، بەرگەن كاپالەت ۋەدىسىدىن يېنىۋالىدۇ دەپ ئويلاپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئۆزۈمنىڭ خاتا يازغان خەتلىرىمنىمۇ بىر خىل بىشارەت ھېسابلاش مېنىڭ كىچىك چاغلىرىمدىنلا بىر خىل ئادەت ئىدى. شۇنداق ئاددىي سۆزلەرنى خاتا يېزىپ قويۇش مېنىڭ ئۆزۈمنىڭلا سەۋەنلىكىم ئەمەس، بەلكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كۈچ مېنىڭ خەت يېزىۋاتقان قولۇمنى كونترول قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتتى دەپ ئويلايىتتىم. ياشىسۇن دېگەن سۆزنى يوقالسۇن دەپ يېزىپ تاشلىسام دادام تاپشۇرۇق دەپتىرىمدىكى خەتكە قارىغىنىچە قېتىپلا تۇرۇپ قالغانىدى. ئاندىن تۇيۇقسىز تەستەك بىلەن بىرنى سېلىۋىدى ئاغزى بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان كەتتى. كېيىن ئاشۇ يوقالسۇن دېگەن خەتلەرنىڭ ئالدىدىكى سۆز مېنىڭ ئەسلىمەمدە بىشەملىك بىلەن دادامنىڭ ئىسمىغا ئۆزگىرىۋالدى. جىنايىي تۇيغۇ بىلەن ئۆزۈمنى ئەيىپلەشلىرىممۇ كار قىلمىدى. ئاخىرى مەن ئۇ يەرگە ھەقىقەتەن دادامنىڭ ئىسمىنى يازغان بولىشىم مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدىم. بولۇپمۇ دادام سەكراتتا ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلىپ ئىڭراۋاتقىنىدا ماڭا بىگىزدەك تىكىلىپ قارىغاندا بۇ ئەسلىمەمگە شۈبھىسىز ئىشىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئەسلىدىكىدىن خېلىلا چوڭىيىپ كەتكەن ئاشۇ تىكىلگەن كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن دەرھال ئۇنىڭ تاھارىتىنى تۆككىلى ماڭاتتىم.
مەن ئۇلار كاپالەتنامىدىن تاپقان خاتالىقلارغا قايتا قايتا قاراپ چىقتىم. ئۇلار پەقەت بىر نەچچە ھەرىپ بولۇپ، مېنىڭ ئۆي تەلەپ قىلماسلىق توغرىسىدىكى ۋەدەمدىن يېنىۋېلىشىمغا ھېچقانداق ياردىمى بولمايتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى سۆزلەرنى مەنا ئۇقتۇرالمايدىغان قىلىپ قويسا قوياتتىكى بىرەر سۆزنىڭ مەنىسىنىمۇ مېنىڭ ۋەدەمدىن يېنىۋېلىشىمغا ماس قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتمىگەنىدى. مەن ئۇلارنىڭ نىمىشقا ماڭا بۇنى قايتا قايتا يازدۇرغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمەي، ئۆزەم يازغان بۇ كاپالەتنامىلارغا ئۇزاقتىن ئۇزاق تىكىلدىم. ئۇنىڭدا ئۇلار بۇنچىۋالا قىلىپ كەتكۈدەك خاتالىقمۇ يوق ئىدى، ھەر بىر قېتىم يازغىنىمدا پەقەت بىرلا ھەرپ چۈشۈپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ ھەرىپلەر چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن خاتالىق بەكمۇ كۆرۈنەرلىك ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەدىمۇ بۇنداق گەپ بار دەپ ئۆلۈك كۈلكىلىرى بىلەن بىر ھازا ھىجىيىپ مەسخىرىلىك قاراشلىرىغا يېتەتتى. مېنىڭچىمۇ بۇ ھەقىقەتەن سادىر قىلماسلىققا تېگىشلىك خاتالىق ئىدى. مەن يەتتە قېتىم يازغان كاپالەتنامىنى يېزىلغان ۋاقت تەرتىپى بويىچە ئالدىمغا تىزىپ قاراپ باقتىم، نىمىشقا شۇنداق قىلىپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ قالغىنىمنى زادىلا بىلمەيمەن. ئاندىن مەن ھەر قېتىمدا چۈشۈپ قالغان ھەرىپلەرنى بىر بىرىگە قوشۇپ باقتىم. شۇچاغدا بىردىنلا ۋۇجۇدۇم يالىڭاچ ھالدا شىۋىرغاندا قالغاندەك ئەندىكىپ مۇزلاپ كەتتى، چۈنكى ئۇ ھەرپلەرنى قوشسام شەكىللەنگىنى دەل دادامنىڭ ئىسمى ئىدى.