Hoppa till huvudinnehåll

Three poems by Abdushukur Muhammet

Credits Text: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت 27 april 2020

دوستۇمغا

مېنىڭ ئىككى چىلىيلىق دوستۇم بار ئىدى،

ھەر ئىككىلىسى ئۆلۈپ كەتتى،

بىرى شائىر، يەنە بىر شېئىر ئىدى.

شېئىرنىڭ ئىسمى ئېدىۋاردو مورالىس

شائىرنىڭ ئىسمى پابلو نېرودا.

پابلو بىر ئۆمۈر شېئىر يېزىپ

ئېرىشتى نوبېل مۇكاپاتىغا،

ئېدىۋاردو بىر ئۆمۈر شېئىردەك ياشىدى،

ئەمما ھېچكىم مۇكاپات بەرمىدى ئۇنىڭغا.

پابلو شېئىر يازدى، ئەمما شېئىردەك ياشىمىدى،

ئۇ شېئىرلىرىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ كېچىدە،

ياردەمدە بولدى تىروتىسكىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا.

ئېدىۋاردو شېئىر يېزىپ باقمىدى ھېچقاچان

ئەمما يۈرىكىنى يۇدى شېئىردا.

ئۇ شېئىر ئىدى

ھەرقاچان شېئىردەك مېڭىپ يۈرەتتى يېنىمدا.

ئۇ ئۆلۈپ كەتتى يېقىندا،

ئەمما ئۇ ياشىغان شېئىر ھايات تېخىچە.

ئۇ تونۇشتۇرغانىدى ئۇيغۇرنى تۇنجى بولۇپ چىلىغا،

ئەمما ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى پابلو نېرودا.

مېھرىگۈل

مېھرىگۈل

بىر كىم سورىسا چۈشىڭىزنى،

دەپ بەرمەڭ ئۇلارغا

چۈشىڭىزدە كۆك ئاسمان

ئاي،يۇلتۇزنى كۆرگىنىڭىزنى.

بەلكىم بىلىسىز

مومىڭىزدىن ئاڭلىغان چۈش ئۆرۈشنىڭ پەرزلىرىنى .

پەقەت بېرىڭ ئۇلارغا

چۈشىڭىزنىڭ سەدىقىسىنى.

كۈن چىقمىدى تېخى بىزگە

چۈشىڭىزنى ئۆرۈيمىز چىڭقى چۈشتە.

مېھرىگۈل

بىر كىم سورىسا چۈشىڭىزنى،

دەپ بېرىڭ ئۇلارغا

كۆزىڭىزدىن تېمىۋاتقان جاراھەتلىك قەلبىڭىزنى،

يېشىڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن

ئوغلىڭىز ۋە ئېرىڭىزنى.

سۆزلەپ بېرىڭ ئۇلارغا

غازاڭ بولغان ئۆتمۈشىڭىزنى،

قورقۇنۇش ۋە ۋەھىمىدە

تىتىلغان روھىڭىزنى.

دەپ بېرىڭ ئۇلارغا يەنە

كۆز ئالدىڭىزدا

ھاياتلىققا تەلمۈرۈپ،

قۇرۇپ كەتكەن كۆزلەرنى ،

ئارمانلىرى توزىغان مەسۇم قىزلارنى،

پەرىشتىدەك ئانىلارنىڭ زارىنى.

مېھرىگۈل

بىر كىم سورىسا چۈشىڭىزنى،

سوغا قىلىڭ ئۇلارغا يېشىڭىزنى

كۆرسۇن دۇنيا ھەقىقىي سىزنى.

قىش

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

شئېر

كۈلرەڭ كوچىنى يېتىلەپ

كېتىپ بارار قىشنىڭ قىرىدا.

سىلاپ قويار چاچسىز شامال

دوقمۇشلارنىڭ ئىشق يۈزىنى

قېتىپ كەتكەن سوغۇق قولىدا.

ئىچىمگە پاتمىغان بوشلۇقلار

كۈتۈپخانا ،كافېخانا ئالدىدا

تۇرۇپ قالار بىردەم دەلدىيىپ،

كۆزلىرىگە تولۇپ لىق يىغا.

بەلكىم بەختلىكتۇر شېئىردىن

يىتۈپ كەتكەن پارس مۈشۈكى .

يولنىڭ قارشى تەرىپىدە

مۈشۈكىنى ئىزدەپ يۈرگەن قىز

نەقەدەر ئوخشىغان شېئىرغا.

مۈشۈك، قىز، شېئىر ۋە مەن

تونۇشمايمىز ئۆزئارا

لېكىن بىز بىر ئىدۇق يارالماستا.

Like what you read?

Take action for freedom of expression and donate to PEN/Opp. Our work depends upon funding and donors. Every contribution, big or small, is valuable for us.

Ge en gåva på Patreon
Fler sätt att engagera sig

Sök