Hoppa till huvudinnehåll

Two poems by Erkan Kadir

Credits ئەركان قادىر 08 maj 2020

ۋەتەن مېنىڭ

مېنى توغراقلارغا تەتۈر ئېسىڭلار

مېنى تەكلىماكانغا پالىۋېتىڭلار

بۇ زېمىن مېنىڭ...

مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيەي

مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلەي

مېنىڭ سۆزلىگىنىم ھېكايە ئەمەس

مېنىڭ سۆزلىگىنىم ئەپسانە ئەمەس

قەلبىمگە ئۇرۇلغان مۆھۈردۈر ۋەتەن

ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن.

بىر گۈل ئېچىلار نۇرنىڭ بەرگىدە

يۈرەك يىغلايدۇ ۋەتەن قەرزىدە.

شاماللاردىن ھىدىڭنى ئىزدەپ

ئوغلۇڭ مۇساپىر ئۆزلۈك چۆلىدە.

قۇشلار سايرىشى ۋەتەن دىگەن سۆز

ۋەتەن دېيىلسە چېقىلىدۇ كۆز.

ۋەتەن مېنىڭ تۆنۈگۈنكى يۈزۈم

ۋەتەن مېنىڭ ئاخىرقى ئۆزۈم.

سۆڭەكلىرىم ئۇنىڭ دەرىخى

تېرەم جەزمەن ئۇنىڭ يولىدۇر.

پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر يىغلاۋاتىدۇ

ئىشىكى ھىم ئېتىلگەن دېرىزىسىز ئۆيدە

خەرىتىلەردىن تاپالماي ۋەتىنىنى...

ئۇنىڭ پۇچۇق يۈرىكى بار

كۆرەلمەيدىغان...

ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزى بار

ھېس قىلمايدىغان...

ئۇنىڭ شانلىق تارىخى بار

ئاڭلانمايدىغان...

ئۇنىڭ بۈيۈك ئىمانى بار

تاپالمايدىغان...

ئۇنىڭ...

مېنى توغراقلارغا تەتۈر ئېسىڭلار

مېنى تەكلىماكانغا كۆمىۋېتىڭلار

ۋەتەننى ئارمان قىلىپ

بۇ جاننى ئوتۇن قىلىپ

مېنى گۈلخانلاردا يېقىۋېتىڭلار.

كۈلۈمدىن ياساپ شاراپ

راسا ئىچىڭلار.

ئىشقىمدىن كەرىپ بىر داپ

تازا چېلىڭلار.

ساراڭ بولۇڭلار مېنىڭ كۈيۈمدە

قاتتىق ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىڭلار:

بۇ ۋەتەن مېنىڭ...

بۇ ۋەتەن مېنىڭ...

يوقسۇزلۇق

ئەركان قادىر

كۆزۈڭگە قارىغىنىمدا

ئاشكارا بولدى جاراھەت، ئۆتمۈش

بىزنى قۇچاقلىغان، بىزنى چارچاتقان

تارالدى ئىشىق قاناتلىرىڭدىن

ئىىچىڭدىكى ئورماننى ئاققان

قولىمىزدا ۋاقىتنىڭ چۇۋۇق سۆڭىكى

يەنە بىر ئۆينىڭ كونا ئاچقۇچى

بىلمەيمىز ۋاقىتنى قانداق ياساشنى

بىلمەيمىز ئىشىكنى قانداق ئېچىشنى

يوق بىز ئۈچۈن زامان!

يوق بىز ئۈچۈن ماكان!

كۆرىۋاتامسەن ئەھۋالىمىزنى؟

ئوخشاش ئازاپ، ئوخشاش جاراھەت

تۇپرىقىمىز ئوخشاش يىغلايدۇ

سېغىنىدىغان داۋايىمىز يوق

كۈتكەن بىلەن ھېچكىم كەلمەيدۇ

جاراھەتلەر يوغىنىماقتا

سۈرگۈندىكى ئاۋازىمىزدا

تازىلىماق بولۇپ سۇلالىلەرنى

كۆزۈڭگە قارىدىم

كۆردۈم مۇدھىش قارا ئازاپنى

باغلاپ قويۇلغان

شاماللارنىڭ قاناتلىرىغا

چىقماق بولۇپ چىقالمىغان

كوھىقاپنىڭ زۇلمەتلىرىدىن

يوق بىز ئۈچۈن قانات!

يوق بىز ئۈچۈن شامال!

يۈزۈڭگە قارىدىم

قايتتى سۆز قۇرلىرىمىزغا

بىزنى سۆزلەيدىغان

سۆزلەندى ئۇنىڭدا كەلگۈسى.

بىزنى ئەسلەيدىغان

ئەسلەندى ئۇنىڭدا ئۆتمۈش.

بىزنى سورايدىغان

جاۋاب بەردى ئۇنىڭغا قان.

كۆرىۋاتامسەن بىر زېمىننى؟

ئاسمىنى يۈتۈپ كەتكەن

كۆرىۋاتامسەن بىر ئاسماننى؟

زېمىنىدىن يىراق كەتكەن...

يوق بىز ئۈچۈن زېمىن!

يوق بىز ئۈچۈن ئاسمان!

Like what you read?

Take action for freedom of expression and donate to PEN/Opp. Our work depends upon funding and donors. Every contribution, big or small, is valuable for us.

Ge en gåva på Patreon
Fler sätt att engagera sig

Sök