Two poems by Tahir Hamut
ئاسېنا
تاھىر ھامۇت ئىزگىل
گۆشۈمنىڭ بىر پارچىسى،
ئۈزۈپ ئېلىنغان .
سۆڭىكىمنىڭ بىر پارچىسى،
سۇندۇرىۋېلىنغان .
جېنىمنىڭ بىر پارچىسى،
كۆچۈرىۋېلىنغان .
ئىدىيەمنىڭ بىر پارچىسى،
مۇستەقىل بولغان .
ئورۇق قوللىرىدا
ۋاقىتنىڭ سىزىقلىرى يوغىنايدۇ.
قاپقارا كۆزلىرىدە
تاش پۈتۈكلەرنىڭ مەنالىرى لەيلەيدۇ.
ئىنچىكە بوينىدا
بىر تال زۇلـمەت قىلى چىگىلىدۇ .
قارامتۇل تېرىسىدە
مىۋىلەرنىڭ خەرىتىسى سىزىلىدۇ.
ئۇ ـــ
مەڭزىمگە چۈشكەن بىر تامچە يامغۇر، سۈزۈكلىكىدىن
كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدىغان كەلگۈسىم كەبى.
ئۇ ـــ
يىشىلىشى بىھاجەت تۈگۈن،
ئاسماندىن ئېقىپ چۈشكەن قېنىمنىڭ فورمۇلاسىدەك،
تارىختىن سىرغىپ چىققان بىشارەت .
ئۇ ـــ
قەبرەمدىكى تاشنى سۆيگۈچى
جەسىدىمنى بېسىپ تۇرغان،
مېنى ئاڭا ئامانەت قويۇپ .
ئۇ ــ
بەختسىز بىر ئەپسۇن،
مېنى ياراتقۇچىغا ئايلاندۇرغان
ھەم يارالـمىشىمنى داۋاملاشتۇرغان .
ئۇ، مېنىڭ قىزىم .
2016-يىل فېۋرال ،ئۈرۈمچى
----------------------------
نامايىش
تاھىر ھامۇت ئىزگىل
ئالدىن پىلانلانغان مۇددىئا بىلەن ئۆيدىن چىقتىم
قۇلاقلىرىم پۈتكۈل لىنىيەنى بېكىتىپ بولغان ئىدى
ئاغزىمدا سانسىز بايراق ۋە پلاكاتلار
رەڭدار ئىدى ۋە شامالدا ئېغىپ كەتمەيتى
كۆزلىرىمدە كۈچلۈك توۋلىنىۋاتقان شۇئارلار
پەرۋاسىز ئادەملەرنى بىر بىرلەپ ھېساباتتىن ئۆچۈرەتتى
ئىشتان يانچۇقۇمغا چوڭقۇر سېلىنغان ئىككى قولۇم
شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ كوچىسىنى بىر ئالغان
چاچلىرىم مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەيتى
بۇرۇن تۆشۈكلىرىم پات ـ پات غەزەب بىلەن نەرە تارتاتتى
مېڭەمدىكى ھۈجەيرىلەر ئەتراپنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتەتتى
ئۇچامدىكى چۈش رەڭلىك مايكا ھەيۋەت بىلەن گۈركىرەپ
پۈتۈن شەھەرگە تەكشى يېيىلاتتى
قەدەملىرىم كەسكىن بىر خىتاپنامنى تۈزىۋاتاتتىكى
بۇ ئەڭ ئاخىرقى خىتابنامە ئىدى
بېشىمنى كۆتۈرسەملا
بارچە زۇلۇم بەربات بولاتتى
مەيدەمنى كەرسەملا
ئاشۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا بولاتتى
مەن مانا مۇشۇنداق
بېشىم سېلىنغان
قەددىم پۈكۈلگەن ھالدا
شەھەرنى يەنە بىر قېتىم تەنھا ئايلىنىپ چىقتىم
2017 – يىل 15 – مارت، ئۈرۈمچى